skip to Main Content

ھەممىگە ئادالەت ئورگىنىنىڭ ئۇيغۇرنى قۇتقۇزۇش ھەركىتى ياردەمچى كاتىپ نويېسنى تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىدۇ

تىلىڭىزنى تاللاڭ

 

نوپۇس ، مۇساپىرلار ۋە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ياردەمچى كاتىپى جۇلىتا ۋالس نويېس 2022-يىلى 7-دېكابىردىن 10-دېكابىرغىچە تايلاندنى زىيارەت قىلىپ، تايلاندىكى پاناھلانغۇچىلارنى قوغداش ۋە ئىنسانپەرۋەلىك ياردىمى ھەققىدە سۆھبەتلىشىشنى پىلانلىغان

تەخمىنەن 50 ئۇيغۇر نۆۋەتتە تايلاند كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۇلار 2014-يىلى ئەركىنلىك ئىزدەپ جۇڭگونىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىدىن قېچىپ چىققان. ھالبۇكى ، ئۇلار يەنىلا ئەركىن بولالمىدى ، تېخىمۇ ناچار بولغىنى،خىتايغا مەجبۇرىي قايتۇرىۋىتىلىش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا. 2015-يىلى 7-ئايدا ، تايلاند خىتاينىڭ كۈچلۈك دىپلوماتىك بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، 20 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 109 ئۇيغۇرنى، ھەتتا بىر قانچە ئۇيغۇرنى تېرورلۇق بىلەن يالغاندىن ئەيىبلەپ خىتايغا قايتۇرغان ئىدى. بۇ خىل دىپلوماتىك بېسىم ۋە يالغان ئەيىبلەش ھېلىھەم مەۋجۇت بولماقتا. خىتتاي پرېزىدېنتى شىنىڭ 2022-يىلى نويابىردا تايلاندنى زىيارەت قىلىشى بۇ ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ئاجىز، چارىسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قالدى

ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە جىنايى قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن، بۇ ئۇيغۇرلارمۇ خالىغانچە قولغا ئېلىش، قىيناش ۋە باشقا شەكىلدىكى ئېغىر خورلاشلارنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ

شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇۋىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ياردەمچى كاتىپ نويېسنىڭ بۇ ھەپتىدىكى تايلاند زىيارىتى جەريانىدا تايلاندتا قولغا ئېلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. ئۇ تايلاندنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى شۇنداقلا ھۆكۈمەتسىز ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بىلەن كۆرۈشكەندە چوقۇم ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سۆز قىلىشى كېرەك

تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ ۋە تايلاند كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە داۋاملىق سولاپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ. ئۇلارغا تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىپ بېرىش كېرەك

  1. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتغا پاناھلىق ئىلتىماسى سۇنۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش
  2. جىسمانىي ۋە روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش، ھالال يېمەكلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىدىن بەھرىمەن قىلىش
  3. باشقا مۇساپىرلار، پاناھلانغۇچىلارغا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن قىلىش
  4. كۆچمەنلەر تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىدىن مۇساپىرلار، پاناھلانغۇچىلار تۇرۇۋاتقان ئورۇنلارغا يۆتكەش
  5. تايلاند دائىرىلىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى بىخەتەر ۋە ئەركىن ياشىيالايدىغان ئۈچىنچى دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشقا ياردەم قىلىشى كېرەك.
Back To Top