skip to Main Content

Senate, Pass The Uyghur Human Rights Protection Act

سەنەتور، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قانۇن لاھىيىسىنى تەستىقلاڭ2022 – يىل فېۋرال

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەركىتى ئۈچۈن پارلامېنىتتىكىلەرگە تېلفۇن قىلىڭ

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قانۇن لاھىيىسى:
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇزۇندىن بېرى زۇلۇم قىلىپ كەلدى. 2017 – يىلىدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىپ جازا لاگىرلىرىغا سولىدى. تۇتقۇن قىلىنغان بۇ ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي سىياسىي تەربىيەگە زورلىنىش، قىيىن-قىستاق ئېلىش، تاياق يىيىش، ئاچ قويۇش، جىنسىي تاجاۋۇزچىلىق، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋىتىىش، دىن، مەدەنىيەت ۋە تىل ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش قاتارلىقلارغا دۈچ كەلدى.

  • خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزىۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋالدا، يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەر سەۋەبىدىن ئازاب-ئوقۇبەت چېكىۋاتقانلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك.
  • مۇھاجىرەتتە، يەنى خىتاينىڭ سىرتىدا، ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى خادىملىرىنىڭ تەھدىتى ۋە پاراكەندىچىلىكلىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ.
  • ئامېرىكا چىگىرىسىغا كىرىش ۋىزىسىنى بېجىرىش خىزمىتىدە تەخمىنەن 3 مىليون 600 مىڭ ۋىزا ئىلتىماسى بىر تەرەپ قىلىنىشنى ساقلاپ تۇرماقتا. بەزى ۋىزا ئىلتىماسلىرىنىڭ ساقلاش ۋاقتى 5 يىلدىن 18 يىلغىچە بولۇۋاتىدۇ.
  • بۇ قانۇن لاھىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئالاھىدە ئىنسانپەرۋەرلىك تۈرى 2 – ئالدىنئالا پاناھلانغۇچىلار ۋىزىسى بىلەن ئامېرىكا چىگرىسىغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كىرىشىگە ئىمتىياز بېرىپ ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندىچىلىكى، خورلىشى ۋە زىيانكەشلىكلىرىدىن ساقلىنىشىغا يول ئېچىپ بېرىدۇ.

تېلفۇن قىلىش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، بىز تەييارلىغان سېستىما سىزنىڭ تېلفۇنىڭىزنى قارشى تەرەپكە ئۇلاپ بېرىدۇ. تېلفۇنىڭىز ھازىر بولسۇن.
ئىسمىڭىز:
دادىڭىزنىڭ ئىسمى:
ئېلخەت ئادرىسىڭىز:
تېلېفۇن نومۇرىڭىز:
پوچتا نومۇرىڭىز:
سىز تۇرۇشلۇق رايوننىڭ پارلامېنىت ئەزاسىغا تېلفۇن قىلىڭ، بۇنىڭ ئۈچۈن پوچتا نومۇرىنى كىرگۈزۈڭ.
تېلفۇن قىلىڭ.
پارلامېنىت ئەزالىرىغا تېلفۇن قىلىش بۇ پائالىيىتىنى “ھەممەيلەنگە ئادىللىق” ئورگىنى ئورۇنلاشتۇرغان. سىزنىڭ شەخسى ئۇچۇرىڭىزنى قوغدايدۇ، ھەم بۇ پائالىيەت ۋە باشقا ئالاقىدار خىزمەتلەردىن سىزنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

سىز تېلفۇننى ئۇرغاندىن كېيىن، ئېكراندا تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار كۆرۈلىدۇ:
ھەرىكەتكە ئۆتكىنىڭىزگە رەھمەت، تېلېفۇنىڭىز ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلىنىدۇ!
سۆزلىشىشىڭىزگە ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى پايدىلىنىشىڭىزغا تەييارلىدۇق:
تېلفۇنىڭىزنى پارلامېنىت ئىشخانىسىدىكى خادىم ئېلىپ قالسا، شۇ كىشى بىلەن قايتا ئالاقىلىشىڭىزئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسمىنى سورىۋىلىڭ.
“مەن پوچتا نومۇرى xxx بولغان رايوندىن تېلفۇن قىلىۋاتىمەن. مۇشۇ رايونغا مەسئۇل پارلامېنىت ئەزاسىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قانۇن لاھىيىسى S.1080 نى قوللىشىنى تەلەپ قىلىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزىۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋالدا، يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى توختىتىش ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك. پارلامېنىت ئەزاسىنىڭ مۇشۇ نۇقتىلارنى قانۇن لاھىيىسىنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىغا كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىنى سورايمەن.”
ئەگەر تېلفۇنىڭىز ئاۋازلىق ئۇچۇر قالدۇرۇشقا ئۇلىنىپ قالسا:
” مەن پوچتا نومۇرى xxx بولغان رايوندىن تېلفۇن قىلىۋاتىمەن. مۇشۇ رايونغا مەسئۇل پارلامېنىت ئەزاسىدىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش قانۇن لاھىيىسى S.1080 نى قوللىشىنى تەلەپ قىلىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقان ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزىۋاتقان مۇشۇنداق ئەھۋالدا، يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيلىكلەرنى توختىتىش ۋە ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك. پارلامېنىت ئەزاسىنىڭ مۇشۇ نۇقتىلارنى قانۇن لاھىيىسىنىڭ ئاخىرقى نۇسخىسىغا كىرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىنى سورايمەن.”

پارلامېنىت ئەزاسىغا تېلېفۇن ئۇرۇش پائالىيىتىمىزنى ئالاقە تورىڭىزدىكىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش ئارقىلىق بۇ ئۇچۇرنى كەڭ تارقىتىشىمىزغا ياردەملىشىڭ.

Back To Top